خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانى كورېيە ھاۋا تەۋەلىكىگە «تاجاۋۇز» قىلدى

خىتايغا تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى كورېيە ھاۋا تەۋەلىكى مۇداپىئەسىنى ئېنىقلاش رايونىغا رۇخسەتسىز كىردى.

1095064
خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانى كورېيە ھاۋا تەۋەلىكىگە «تاجاۋۇز» قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى كورېيە ھاۋا تەۋەلىكى مۇداپىئەسىنى ئېنىقلاش رايونىغا رۇخسەتسىز كىردى.

جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى يونھاپتا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، خىتايغا تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئاممىۋى قاتناش ئايروپىلانلىرىنىڭ كىملىك ۋە ئورۇننى ئېنىقلاش بىلەن ئۇچۇش سەپەرلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئالدىن بېكىتىپ قويۇلغان ھاۋا تەۋەلىكى مۇداپىئەسىنى ئېنىقلاش رايونىغا ئالدىن خەۋەر قىلماستىنلا بېسىپ كىرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۇ ئىشقا قارىتا جەنۇبىي كورېيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەلقئارا كېلىشىملەردە ئېنىق ماددىسى بولمىغان ۋە ھەر قانداق بىر خەلقئارالىق ئورۇن تەرىپىدىن نازارەت قىلىنمايدىغان ھاۋا تەۋەلىكى مۇداپىئەسىنى ئېنىقلاش رايونلىرى، ئادەتتە دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ رايونلار بىر دۆلەتنىڭ ئېنىق بېكىتىلگەن ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش نىيىتى بولمىغان ئاممىۋى قاتناش ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، لېكىن رايونغا كىرگەن ھەربىي ئايروپىلانلار تەھدىت دەپ قارىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ.

ئەينى دەۋردىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى  ھاررىي ترۇمان كورېيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش بەلگىلىمىسىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە 1950-يىلى دېكابىردا ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكى ئۈچۈن، ھاۋا تەۋەلىكى مۇداپىئەسىنى ئېنىقلاش رايونى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە دۇنيا مىقىياسىدىكى 20 دۆلەتتە ھاۋا تەۋەلىكى مۇداپىئەسىنى ئېنىقلاش رايونى ئۇقۇمى بار.

خىتايغا تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى بۇلتۇرمۇ بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر