ترامپ: دۇنيا مەينەت بىر يەر

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقى ئۈستىدە توختالغاندا، دۇنيانى «مەينەت يەر» دېدى.

1093410
ترامپ: دۇنيا مەينەت بىر يەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتى ھەققىدە توختالغاندا: «بەلكىم پۈتكۈل دۇنيا جاۋابكار بولۇشى كېرەكتۇ، چۈنكى دۇنيا مەينەت بىر يەر» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ مىننەتدارلىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن فلورىدا ئىشتاتىدىكى مارا لاگو مەيدانىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جەمال قاشىقچىنىڭ 2-ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنكى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننى قاشىقچى جىنايىتىدە جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىللەرنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ: «بەلكىم پۈتكۈل دۇنيا جاۋابكار بولۇشى كېرەكتۇ، چۈنكى دۇنيا مەينەت بىر يەر» دېدى.

ئۇ مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ قاشىقچى جىنايىتىدىن بالدۇرلا خەۋىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى كەسكىن رەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۆزىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى قارىشىنىڭ، «مۇھەممەد بىن سەلمان بەلكىم بىلەتتى ياكى بىلمەيتتى» شەكلىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ ۋەقەدىن نەپرەتلەندىم، ۋەقەنىڭ ئۈستىنى يېپىش تىرىشچانلىقلىرىدىنمۇ نەپرەتلىنىمەن. بۇ ۋەقەدىن ۋەلىئەھدى شاھزادىنى مەندىن ئۆتە نەپرەتلەندى دەپ ئويلايمەن» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چۈشۈرگەنلىكى توغرىسىدا خۇلاسە چىقارغانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا: «مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ گۇمانلىرىنىڭ بارلىقىنى، بىراق ئېنىق خۇلاسە چىقارمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە «ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ياردەمچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستان بولمىغان بولسا، ئوتتۇرا شەرقتە غايەت زور ھەربىي بازىمىز بولمىغان بولاتتى، ئىسىرائىلىيەگە قارايلى، سەئۇدى ئەرەبىستان بولمىغان بولسا، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئېغىر مەسىلىلىرى بولغان بولاتتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر