ترامپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇتىھەملەرنى جاسارەتلەندۈرۈۋاتىدۇ

ئامېرىكادا چىقىدىغان نىيۇ يورك تايمېس (New York Times) گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، جەمال قاشىقچى جىنايىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

1092769
ترامپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇتىھەملەرنى جاسارەتلەندۈرۈۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا چىقىدىغان نىيۇ يورك تايمېس گېزىتى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى «جەمال قاشىقچى جىنايىتىدە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ خۇلاسىسىنى ۋە ئامېرىكانىڭ مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دېگەنلىرىنى ئېتىبارغان ئالغانلىقى» نى تەنقىد قىلدى.

گېزىتتە ئېلان قىلىنغان «ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەنىۋى ئۆلچەملىرىنى قوغدايدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، جەمال قاشىقچى جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا ترامپنىڭ پوزىتسىيەسى ئۈستىدە توختالدى.

ماقالىدە، ترامپنىڭ 19-نويابىر ئېلان قىلغان يازما باياناتىغا قارىتىلغان ھالدا: «قارايدىغان بولساق، ترامپ جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ قانچىلىك خاتا بولۇشى ۋە جاۋابكارنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەئۇدى ئەرەبىستاننى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولدى» دېيىلدى.

ترامپنىڭ باياناتىدا دېيىلگەن «دۇنيا ناھايىتى خەتەرلىك جاي» دېگەن ئىبارىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغان ماقالىدە: «ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى باشقا جايلاردىكى مۇتىھەملەرنى جاسارەتلەندۈرۈپ، دۇنيانى تېخىمۇ خەتەرلىك يەرگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ» دېيىلدى.

ماقالىدە، ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سودا خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئادالەتنىڭ نامايان قىلىنىشى ئۈچۈن جەمال قاشىقچى جىنايىتىنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، مۇنداق دېيىلدى:

«سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھېچكىمنىڭ، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ۋەلىئەھدى شاھزادە بولسىمۇ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ جاۋابىنى بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالماسلىقى لازىم.»

2018-يىل 2-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسى رەسمىيەت ئۈچۈن بارغان جەمال قاشىقچى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر