ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەردىن ۋاز كېچەلمەيدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزۈلگەن سودا كېلىشىملىرىدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1092091
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەردىن ۋاز كېچەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىملىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: «100 مىلياردلارچە دوللاردىن ۋاز كېچەلمەيمىز، ئەگەر ۋاز كەچسەك نېفىت باھاسى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھېچقانداق سودا مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېمە بولۇشى، مېنىڭ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ. بىراق 100 مىلياردلارچە دوللارلىق مەھسۇلات سېتىۋالىدۇ» دېدى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي ئەسلىھەلەر سېتىلمىغان تەقدىردە، رىياد ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قاندۇرۇش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇنداق ۋەىيەتتىن ناھايىتى خۇشال بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر