ئامېرىكا شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە يەنە بىر كىشىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

مەزكۇر شەخسنىڭ شىمالىي كورېيەگە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىنى ئاتلاپ ئۆتۈش جەھەتتە مەسلىھەتچىلىك قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1091212
ئامېرىكا شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە يەنە بىر كىشىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ ئېمبارگولارنى ئاتلاپ ئۆتەلىشىگە ياردەم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تېگى رۇسىيەلىك جەنۇبىي ئافرىقا پۇقراسىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەدە تۇغۇلغان جەنۇبىي ئافرىقا پۇقراسى ۋىلادلېن ئامچېنتسېۋگە شىمالىي كورېيەگە ۋاكالىتەن قىلىپ يۈرگەن قانۇنسىز پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋىلادلېن ئامچېنتسېۋنىڭ شىمالىي كورېيەگە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىنى ئاتلاپ ئۆتۈش جەھەتتە مەسلىھەتچىلىك قىلغانلىقى ۋە نېفىت سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ۋىلادلېن ئامچېنتسېۋنىڭ ھازىرمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىدە ئىسمى بولغان «Velmur Management» ناملىق شىركەت بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر