ئەنگلىيە يەمەنگە ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇندى

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن ئەنگلىيە، ئۆزى تەييارلاپ چىققان يەمەن قارار لايىھەسىنى باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

1091356
ئەنگلىيە يەمەنگە ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ پورت شەھىرى ھۇدەيدەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئىنسانىي ياردەم يولىدىكى بارلىق توسقۇنلۇقلارنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان قارار لايىھەسى، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن ئەنگلىيە، ئۆزى تەييارلاپ چىققان يەمەن قارار لايىھەسىنى باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. قارار لايىھەسىدە، ئۇرۇشنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان پورت شەھىرى ھۇدەيدەدە ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىق قىلىندى.

پۇقرالار ۋە شەھەر ئۈستقۇرۇلمىسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى ۋە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ئەيىبلەنگەن لايىھەدە، ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى توقۇنۇشلارغا ۋە رايوندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىش؛ ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەردىن بىيورۇكراتىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىي ئالاقە ۋە سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە توسالغۇ بولىدىغان بارلىق ئامىللارنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ تاشلاش تەلەپ قىلىندى.

يەمەن ھۆكۈمىتىگە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايون دۆلەتلىرى ياردەم قىلىپ، ۋەيران بولۇۋاتقان پۇل بىرلىكى ۋە ئىقتىسادىغا يار – يۆلەك بولۇش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتكە تاشقى پېرېۋوت كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان لايىھەدە يەنە، ئوقۇتقۇچى، سەھىيە خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش بارلىق مەمۇرلارنىڭ مائاشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.

قارار لايىھەسى قوبۇل قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ب د ت نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ ئەڭ ناچار ئىنسانىي كىرىزىسى يۈز بېرىۋاتقان، ئاچارچىلىقنىڭ گىرۋىكىدىكى 28 مىليونغا نوپۇسقا ئىگە يەمەندە، 22 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىنسانىي ياردەمگە ۋە مۇھاپىزەتكە ئېھتىياجلىق، 18 مىليون ئادەم بولسا، ئاچلىق خەۋپى ئاستىدا ياشىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر