ترامپ: بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستانغا ياردەم قىلمايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستانغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1091352
ترامپ: بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستانغا ياردەم قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق پاكىستان ھەققىدە بايانات بېرىپ، «پاكىستانغا بۇنىڭدىن كېيىن مىلياردلارچە دوللار پۇل بەرمەيمىز، چۈنكى پۇلىمىزنى ئېلىپ بىز ئۈچۈن ھېچبىر ئىش قىلىپ بەرمەيۋاتىدۇ» دېدى ۋە بۇنىڭغا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ ئەلقائىدەنىڭ سابىق لىدېرى ئۇسامە بىن لادىننى پاكىستاندا قولغا چۈشۈرگەنلىكى (2011 – يىلى ماي) نى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەلۋەتتە ئۇسامە بىن لادىننى ئۇنىڭدىن خېلىلا بۇرۇن قولغا چۈشۈرۈشىمىز كېرەك ئىدى. دۇنيا سودا مەركىزى ھۇجۇمى (2001- يىل سېنتەبىر) دىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە كىتابىمدا توختالدىم. (بىل) كلىنتون پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى. پاكىستانغا مىليارلارچە دوللار پۇل بەردۇق، بىزگە (بىن لادىننىڭ) ئۇ يەردە ياشاۋاتقانلىقىنىمۇ دەپ بەرمىدى. ئەخمەقلەر» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ترامپ دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پاكىستانغا بېرىۋاتقان ماددىي ياردەملىرىنى قىسقارتقانىدى. ئامېرىكا يانۋار ئېيىدا بايانات بېرىپ، پاكىستاننىڭ بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا نىسبەتەن بىخەتەر رايون بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئافغانىستاندا ۋەقە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە پاكىستانغا بېرىلىدىغان 255 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەمنى توختىتىپ قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر