شىئە ھۇسىي كۈچلىرى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

شىئە ھۇسىي كۈچلىرى يەمەندە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1090382
شىئە ھۇسىي كۈچلىرى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىئە ھۇسىي كۈچلىرى يەمەندە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قارشى راكېتامىيوت ۋە ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

شىئە ھۇسىي كۈچلىرىگە قاراشلىق ئالىي ئىنقىلاب كومىتېتى باشلىقى مۇھەممەد ئەلى ئەل ھۇسى، تۋىتتېر ئادرېسىدا مۇنۇ مەزمۇندا ئۇچۇر يازدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى يەمەندە تىنچلىقنىڭ بەرپا بولۇشىنى خالىسا بىز ئالدىنى سەپتىكى ھەرىكەتلىرىمىزنى توختىتىشقا تەييارمىز.»

شىئە ھۇسىي كۈچلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گىرىففىتىسنىڭ ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە راكېتامىيوت ئىشلىتىشكە خاتىمە بېرىش تەلىپىنى ئورۇنداش، تىنچلىق بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى قوللاش ۋە يەمەنگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن، تىنچلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىئە ھۇسىي كۈچلىرىنىڭ تىنچلىق بەرپا قىلىش تەلىپىگە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر