ماكرون: «ياۋروپانى قۇدرەتلىك قىتئەگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون گېرمانىيە پارلامېنتىدا ياۋروپانىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

1090270
ماكرون: «ياۋروپانى قۇدرەتلىك قىتئەگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ياۋروپانى كەلگۈسىدە ئەڭ ياخشى قىتئەگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپانىڭ تېخىمۇ مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت ماكرون گېرمانىيە فېدراتىپ پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنى ياد ئېتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ياۋروپانىڭ بولۇپمۇ گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ دۇنيانىڭ كىرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىقىغا قاراپ تۇرماسلىقتەك ۋەزىپىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

«ياۋروپا تېخىمۇ قۇدرەتلىك ۋە مۇستەقىل ھالەتكە كېلىشى كېرەك»دېگەن ماكرون ياۋروپانىڭ ئۆز مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىگىلىك ھوقۇققا ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

« بىز بۇ كۈرەشنى تېخىمۇ تاماملىمىدۇق، كۈرىشىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ » دېگەن ماكرون، گېرمانىيەنى يېڭى مىللەتچىلىك دولقۇنىغا قارشى ياۋروپانى تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.

كىلىمات ئۆزگىرىشى، سودا ئۇرۇشلىرى ۋە باشقا كىرىزىسلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتقان ماكرون، ياۋروپانىڭ بۇنى بىر تەرەپ قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتتى.

ماكرون گېرمانىيەنىڭ « ئاشقۇن مىللەتچىلىكنىڭ شەيتانلىرى»نى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ: فىرانسىيەنىڭ بۇ كۈرەشتە زور رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر