بۇلغارىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۇلغارىيەدە خەلق تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1090271
بۇلغارىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىشلار تۈپەيلى، چېگرا ئېغىزلىرى ۋە بەزى تاشيوللار قاتناشقا توسۇۋېتىلدى.

پايتەخت سوفىيە ۋە بەزى چوڭ شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قاتناشقانلار، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ نامرات ئەزاسى بولغان بۇلغارىيەدە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار، غول تاشيوللارنىڭ مۇھىم ئېغىزلىرىنى قاتناشقا توسۇۋالدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامايىشچىلارنى بېسىىقتۇرۇش ئۈچۈن 4000دىن ئارتۇق ساقچى ئاجراتتى.

خەۋپسىزلىك خادىملىرى نامايىشچىلارنىڭ غول تاشيوللارنى توسۋېلىشىغا قارىتا، باشقا جايلاردىكى تاشيوللارنىڭ قاتنىشىنى رەتكە سالدى.

نامايىشچىلار بىر ئايدىن بۇيان ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان نامايىشلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر