ياپونىيە باش مىنىستىرى ئابې ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون قىسىملىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان ئاۋسترالىيەنىڭ دارۋىن شەھىرىدە زىيارەتتە بولماقتا.

1089315
ياپونىيە باش مىنىستىرى ئابې ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون قىسىملىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان ئاۋسترالىيەنىڭ دارۋىن شەھىرىدىكى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبەرەك قويدى.

ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان شىنزو ئابې، مەنسەبدېشى سكوت موررىسون بىلەن ئاسترالىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دارۋىن شەھىرىگە كېلىپ، بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ياپونىيەدە باش مىنىستىرى بولدى.  

دارۋىندىكى ئۇرۇش خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبەرەك قويغان شىزو ئابې سۆز قىلىپ، ھىندى ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان دارۋىن شەھىرىنىڭ، ھىندى ئوكياننىڭ مۇقىملىقىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك جاي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، باش مىنىستىر موررىسون بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.   

شىنزو ئابې ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان ئارال دۆلەتلەردىكى بىخەتەرلىك لايىھەلىرىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كېلىشكەنلىكلىرىنىمۇ ئېيتتى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسونمۇ شىنزو ئابېنىڭ زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت ياكى قىلمىشقا ئىزچىل قارشى چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىنزو ئابې بىلەن موررىسون ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ساھەسىدە تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بۇرۇنراق نەتىجە بېرىشىنى شۇنداقلا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىردەك تەكىتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر