ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 66 غا يەتتى.

1089094
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇتتې رايونىنىڭ مەسئۇلى كورى ھونېئا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئوت ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەن يەنە 7 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، 631 كىشىنىڭ تېخىچە ئىز – دېرىكى يوقلۇقىنى،  شۇنىڭ بىلەن، رايوندىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 63 كە  يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كالىفورنىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋە تەخمىنەن 570 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېيىلغان ئوت ئاپىتىدە، 11 مىڭدىن ئارتۇق بىنا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپەتلىرىدە بولسا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 3 كە يەتكەن، تەخمىنەن 450 ئۆي كۈلگە ئايلانغان.

كالىفورنىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوت ئاپەتلىرىدە زىيانغا ئۇچرىغانلار ئارىسىدا داڭلىق چولپانلارمۇ بار ئىكەن.

رايوندا ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغان، تامامەن كۆيۈپ كەتكەن ياكى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان چولپانلار  ئارىسىدا داڭلىق ئارتىس سكوت بايئو، رېژىسسور گۇللېرمو دېل تورو، reality show چولپىنى كىم كارداشىئان، ئارتىس ئالىسا مىلانو ۋە ئارتىس راين ۋىلسون قاتارلىق شەەخسلەرمۇ بار ئىكەن.

ئاق سارا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ شەنبە كۈنى كالىفورنىيە ئىشتاتىغا بېرىپ، ئوت ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر