شىمالىي كورېيە يېڭى تىپلىق بىر قورال سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى تىپلىق بىر قورالنى سىناق قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1089051
شىمالىي كورېيە يېڭى تىپلىق بىر قورال سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك توپ ئوقى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان يېڭى تىپلىق بىر قورالنى سىناق قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يونھاپنىڭ شىمالىي كورېيە ئاگېنتلىقى < KCNA > نىڭ  مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، قورال سىنىقىنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كىم جوڭئۇن يېڭى سىناق قىلىنغان زامانىۋى قورالنى « شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش يولىدا تاشلانغان زور قەدەم»تەرىپلىگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر جەنۇبىي  كورېيەلىك ئەمەلدار، ئۇزۇن مۇساپىلىك توپ ئوقىنىڭ پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇننىڭ دادىسى كىم جوڭئىل دەۋرىدىن بۇيان ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ كېلىنىۋاتقان يېڭى ئەۋلاد ئۇزۇن مەزگىللىك قورال ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بۇ يىل 12-ئىيۇندا سىنگاپۇردا كۆرۈشكەندە، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىدە كېلىشتى.  

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىش توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەر توختاپ قېلىش سەۋىيەسىگە ئازلا قالغان ۋاقىتتا، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر شىمالىي كورېيە ئەمەلدارىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بارماقچى بولغان كۆرۈشۈش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى يەنە «ئامېرىكا دۆلىتىمىزگە قاراتقان ئېمبارگولىرى بىكار قىلىۋەتمىسە، يادرو قوراللىرى پىروگراممىمىزنى كۈچەيتىدىغان دۆلەت سىياسىتىمىزنى قايتىدىن جانلاندۇرىمىز»دەپ بايانات بەردى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس سىنگاپۇردا چاقىرىلغان 33-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئەسناسىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ 2019-يىلنىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر