جېفرىي: پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ داۋامى، بىراق ئۇنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايمىز

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى باش ئەلچى جېيمس جېفرېي، ۋاشىنگتون سۈرىيەدە ھەمكارلىشىۋاتقان پ ي د نىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى داۋامى ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۇنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايدىغانلىقلىرى» نى بىلدۈردى.

1089172
جېفرىي: پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ داۋامى، بىراق ئۇنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى باش ئەلچى جېيمس جېفرېي، ۋاشىنگتون سۈرىيەدە ھەمكارلىشىۋاتقان پ ي د نىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى داۋامى ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۇنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايدىغانلىقلىرى» نى بىلدۈردى.

باش ئەلچى جېيمس جېفرېي، ئامېرىكىنىڭ «Defense One» ناملىق مېدىيا ئورگىنىنىڭ يىللىق مۇداپىئە يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ / پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ، سۈرىيەدە ھەم تۈركىيە، ھەم پ ي د / ي پ گ / پ ك ك بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلىشلىرى كېرەكلىكىگە دائىر سۆزلىرى دىققەتنى تارتتى.

جېيمس جېفرېي، تۈركىيەنىڭ، سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىۋاتقان پ ي د / ي پ گ نى «پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى» دەپ قارايدىغانلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا ھەم تۈركىيە بىلەن، ھەم تەشكىلات بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھەمكارلىشىشنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا بىر سوئالغا «بۇ ناھايىتى قىيىن (ئىش). چۈنكى، تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكى، ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيەسى بولمىغان بولسا ئىدى، سۈرىيەدە نۆۋەتتە قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمىغان بولاتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر مەھەللىي شېرىك بولماي تۇرۇپمۇ دۆلەتنىڭ شىمالىدا مەۋجۇتلۇقىمىزنى ۋە تېخى تۈگىمىگەن دائېشقا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرالمىغان بولاتتۇق. بۇ يەرلىك شېرىك، 2014 – يىلىدىن بۇيان پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى داۋامى بولغان، بىراق بىز پ ك ك غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارىمايدىغان پ ي د دۇر. بۇ مەسىلە تۈركلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا، لېكىن ھازىرغىچە (تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېتىراپ) قىلمىدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

دائېشنىڭ مەغلۇب قىلىنىشى تۈركىيەنىڭمۇ خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، ئەنقەرەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ي پ گ / پ ك ك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى (مەجبۇرىي) كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن جېيمس جېفرېي، «سۈرىيەدە دائېشنىڭ مەغلۇب قىلىنىشىدىن باشقا بىر سىياسىتىمىزنىڭ بولۇشىغا قارار قىلغان چېغىمىزدا، تۈركلەر بىزگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشقا باشلىدى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلرىنىڭ بىرى بولغان دائېشنىڭ مەغلۇب قىلىنىشى، ئىران ۋە ئىران ھىمايىسىدىكى مىلىتارىستلارنىڭ سۈرىيەدىن چىقىرىۋېتىلىشى ۋە سۈرىيەدە سىياسىي تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى قاتارلىقلارغا قوشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جېفرىي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىراق، بىزنىڭ شەرقىي شىمالدا تۇرۇپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبىنىڭ بۇ ياكى ئەمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتىدۇ. ئۇلارغا چۈشەندۈرگىنىمىزدەك بۇنىڭ (ي پ گ / پ ك ك بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ) ۋاقىتلىق بىر سودا – سېتىق ئىكەنلىكىنى دېگەنىدۇق. ھازىرمۇ شۇنداق، بىراق بۇنىڭغا بەزى شەرتلەرنى ئىلاۋە قىلدۇق. بۇنى تۈركلەرگە چۈشەندۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدۇق. بۇ، بىز بىلەن تۈركلەر ۋە پ ي د / س د گ ئارىسىدا چېگرا رايونىدا سوغۇقچىلىق پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا» دېدى.

جېيمس جېفرېي، سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرىكى بىر قاتار يىغىنلاردا، ي پ گ ۋە پ ي د نىڭ «پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى داۋامى ئىكەنلىكى» نى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بىراق، يېقىندىن بۇيانقى سۆزلىرىدە ئۇسلۇب ئۆزگەرتىپ، ي پ گ نىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارالمايدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق دەتالاشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر