باڭلادېش ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىشتىن ۋاز كەچتى

باڭلادېش ھۆكۈمىتى ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىشنى مەزمۇن قىلغان پىلاننى ئىجرا قىلىشتىن ۋاز كەچتى.

1088678
باڭلادېش ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىشتىن ۋاز كەچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش ھۆكۈمىتى 700مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇساپىرنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن، بىرما ھۆكۈمىتى بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باڭلادېش مۇساپىرلار كومىتېتى باشلىقى ئەبۇل قالام، باڭلادېشتىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى يۇرتىغا كېتىشكە قىستىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «لېكىن ئۇلارنى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە قايىل قىلىمىز.»

كوكس بازىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشايدىغان مىڭدەك ئاراكانلىق، بۈگۈن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغان «مۇساپىرلارنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى»غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

باڭلادېش بىلەن بىرما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدە، دەسلەپكى قەدەمدە بىرما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان»2200 ئاراكالىقنى قايتىدىن ماكانلاشتۇرۇش پىلانى تۈزۈلگەنىدى، لېكىن قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بىرمۇ ئاراكانلىق مۇسۇلمان بىرمادىكى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانىدى.

باڭلادېش ھۆكۈمىتى بولسا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار قايتىپ كېتىشنى خالىمغان تەقدىردە ئۇلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى.

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى مايكېل باچېلېت، باڭلادېش ھۆكۈمىتىنى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى يۇرتىغا  قايتۇرۇۋېتىش پىلانىنى توختىتىشقا چاقىردى.

باچېلېت ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۋېتىشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق بولىدىغانلىقىنى، بۇ كىشلەر قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ باڭلادېش ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى.  

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاننى تاشلاپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىر سانىنىڭ 725 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى  ئاراكاننىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىپ يۈزلەرچە يېزىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

ب د ت ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشىنى «ئېتنىك تازىلاش»ياكى «ئىرقىي قىرغىنچلىق»دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

خەلقئارا تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىگە كىرىشىگە چەكلىمە قويۇپ كېلىۋاتقان بىرما ھۆكۈمىتى، ھازىرغىچە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىپ كېلىشى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى ئورۇندىمىدى.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار، ئاراكاندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنمىغان ئەھۋالدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار قايتىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ بېشىغا يەنە ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر