بەھرەيىن ئامېرىكىدىن 12 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋېلادىىغان بولدى
بەھرەيىن 12 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم تۈردى.
1089418
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرەيىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «BNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەھرەين ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال شەيخ ھامىد بىن ئابدۇللاھ ئەل خەلىفە «AH-1Z Viper» تىپلىق 12 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ «Bell» شىركىتى بىلەن 912 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزارلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېنېرال شەيخ ھامىد بىن ئابدۇللاھ ئەل خەلىفە مەزكۇر تىك ئۇچارلارنىڭ بەھرەيىن ھاۋا ئارمىيەسىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كېلىشىمگە بىنائەن تىك ئۇچارلارنىڭ تۈنجى تۈركىمى 2022 – يىلى بەھرەيىنگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.