ئىران سۈرىيەدە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرىدۇ
ئىران تېھران «تەربىيەتۇ مۇددەرىس»ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تارمىقىنى سۈرىيەدە ئېچىشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پايتەخت تېھراندىكى «تەربىيەتۇ مۇددەرىس»ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تارمىقىنى سۈرىيەدە ئېچىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تېھراندا سۈرىيە-ئىران پارلامېنتلار دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىلەن جەم بولغان ئىران پەن تەتقىقات ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مەنسۇر غۇلامى، سۈرىيەدە «تەربىيەتۇ مۇددەرىس»ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تارمىقىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تەلىم-تەربىيە ئېلىشىنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن غۇلامى: بۇ ئالىي مەكتەپ سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنى ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق بويىچە تەربىيەلەش ئۈچۈن مەخسۇس تەسىس قىلىنىدۇ، دېدى.
نۇرغۇن سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئىرانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان غۇلامى مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىغا تەلىم-تەربىيە بېرىشكە تەييارمىز، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن تەتقىقات مەركەزلىرىمىز سۈرىيە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدە كۈچ چىقىرالايدىغان شارائىتلارغا ئىگە.»
كەلگۈسىدە سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تۆھپە قوشۇشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىرانلىق مەسئۇللار، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قۇرۇلۇش-بىنكارلىق، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ۋە سودا كېلىشىملىرى ئىمزالىغانىدى.
سۈرىيەدە نۇرغۇن ئىران ئەسكىرى ۋە تېھران ھۆكۈمىتى قوللاپ كېلىۋاتقان شىئە قوراللىق كۈچلىرى پائالىيەت قىلماقتا.