ترامپ شىمالىي كورېيەگە ئالاقىدار دەۋالارنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا شىمالىي كورېيە توغرۇلۇق تارقالغان خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1087631
ترامپ شىمالىي كورېيەگە ئالاقىدار دەۋالارنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيەدە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىغا ئالاقىدار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، چۈنكى بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ  خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ياخشى بىلىنىدىغانلىقىنى، دەرۋەقە، بۇنىڭ يېڭى مۇئەسسەسەلەر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن 12 – ئىيۇن كۈنى سىنگاپوردا بىر يەرگە جەم بولغان، ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر