مايك پېنس بىرمانىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇمىنىڭ «ئۆزرىسى بولمايدىغانلىقى»نى ئېيتتى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، بىرما لىدېرى ئاڭ سان سۇ چىگە بىرمانىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇمىنىڭ «ئۆزرىسى بولمايدىغانلىقى»نى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، بىرما لىدېرى ئاڭ سان سۇ چىگە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ «ئۆزرىسى بولمايدىغانلىقىنى»ئېيتتى.
33-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىنگاپۇرغا بارغان پېنس، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بىرما لىدېرى سۇچى بىلەن كۆرۈشتى.
پېنس مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زۇلۇمغا ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بىرما لىدېرى سۇچىغا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ «ئۆزرىسى بولمايدىغانلىقى»دېدى.
پېنس يەنە بىرما لىدېرى سۇچىغا بىرمادا رويتېرس مۇخبىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ جازالاندۇرۇلۇشىنىڭ مىليونلارچە ئامېرىكالىقنى بىئارام قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
بىرما لىدېرى سۇچىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنىسقا بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكاندا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچىلا بېرىپ قويىدىغانلىقىنى ، ئاراكاندىكى ھادىسىلەرنى ھەممىدىن بەكرەك ئامېرىكانىڭ ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاننى تاشلاپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىر سانىنىڭ 725 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى ئاراكاننىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىپ يۈزلەرچە يېزىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
ئاراكانلىقلارنىڭ زېمىنىغا قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن بىرما بىلەن باڭلادېش ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسپاتلىيالمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك ئىجرا قىلىنالمايۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ب د ت ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشىنى «ئېتنىك تازىلاش»ياكى «ئىرقىي قىرغىنچلىق»دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.