لى كېچياڭ: سودا ئۇرۇشىنىڭ غالىبى بولمايدۇ

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنىڭ غالىبى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1087697
لى كېچياڭ: سودا ئۇرۇشىنىڭ غالىبى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن 33 – نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا، ئامېرىكا بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايونى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ئامېرىكا بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشى ھەققىدە، «سودا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان تەرەپ يوق. دۇنيا سودا زەنجىرىدە باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كېلىشمەسلىكلەرنى كۆرۈشنى خالىمايمىز. بىر – بىرىمىزنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە ۋە ئەندىشىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلا بولساق، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر يولى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ، «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى دەتالاشلىق رايونلار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدىكى مۇساپىنىڭ 3 يىل ئىچىدە نەتىجىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن رايوندا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىدۇ» دېدى.

لى كېچياڭ، رايوندىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش لازىملىقىنى قەيت قىلىپ، شۇنداق قىلغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايونىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى دۇنياغا نامايان قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايونىدىكى بازاردىكى تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن لى كېچياڭ، «خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بازىرىنى جانلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى بار. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىكلەر كەڭ ئېچىلىدۇ ۋە ئىسلاھاتلار تېخىمۇ كەڭ ھالەتتە داۋاملىشىدۇ» دېدى.

بۈگۈن رەسمىي باشلىنىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا 16 دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتتىن باشقا خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، رۇسىيە ۋە ئاۋسترالىيە رەھبەرلىرىمۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. يىغىندا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى، رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي شېرىكچىلىك، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار مەسىلىسى بىلەن گېئوپولىتىك ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش باسقۇچىنىڭ يول خەرىتىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى ھىندونېزىيە، مالايشىيا، تايلاند، فىلىپپىن ۋە سىنگاپور بىلەن بىرۇنېي، ۋىيېتنام، لائوس، بىرما ۋە كامبودژا قاتارلىق جەمئىي 10 ئەزاسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر