ھەرىرى ھىزبۇللاھنى ئەيىبلىدى

لىۋان باش مىنىستىرى سەئىد ھەرىرى، ھىزبۇللاھنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1087930
ھەرىرى ھىزبۇللاھنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئىد ھەرىرى پايتەخت بېيرۇتتا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە يەلكىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە بارلىق تەرەپلەردىن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھەرىرى، ھىزبۇللاھنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى سۈننىي 6 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىرىگە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنىڭ بېرىلىشى شەرتىگە، دۆلەتتە مەسىلە پەيدا قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىشىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئاقسىتىپ قويۇش دەپ باھا بەردى.

ھىزبۇللاھ باش كاتىپى ھەسەن نەسرۇللاھ، مۇستەقىل سۈننىي پارلامېنت ئەزالىرى بولمىغان بىر ھۆكۈمەتكە پارتىيەسىنىڭ ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر