نېتانياھۇ پارىژدىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئىسرائىلىيەگە قايتىشنى قارار قىلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ فىرانسىيەدىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئىسرائىلىيەگە قايتىشنى قارار قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1086042
نېتانياھۇ پارىژدىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئىسرائىلىيەگە قايتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا بارغان نېتانياھۇنىڭ زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئىسرائىلىيەگە قايتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، «جەنۇبتا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر يۈزىسىدىن باش مىنىستىر (نېتانياھۇ) پارىژ زىيارىتىنى توختىتىپ بۈگۈن كەچتە ئىسرائىلىيەگە قايتىدۇ» دېيىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ بۈگۈن سائەت 10:00 دا نېتانياھۇنى ئېلېيسى سارىيىدا قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمىدا 7 پەلەستىنلىكنىڭ شېھىت بولغانلىقى، يەنە 7 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر