دۇنيا لىدېرلىرى پارىژدا ئۇچراشتى

دۇنيا لىدېرلىرى 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى.

1085672
دۇنيا لىدېرلىرى پارىژدا ئۇچراشتى
fransa anma toreni4.jpg
fransa anma toreni3.jpg
fransa anma toreni2.jpg
fransa anma toreni1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولۇپ جەمئىي 80 دۆلەتنىڭ دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ  باشلىقلىرى، ئېلىزە سارىيىدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

ئەردوغان ۋە لىدېرلار زەپەر كوچىسىدا بىرلىكتە يۈرىدى.

لىدېرلار «پىرېزىدېنتلار مۇنبىرى»دىكى ئورنىغا ئولتۇرۇپ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانمۇ ھەمراھ بولدى.

ئەردوغان ئېلىزە سارىيىدا پىرېزىدېنت ماكرون تەرىپىدىن دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرى شەرىپىگە بېرىلگەن  چۈشلۈك زىياپەتكىمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر