تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1085238
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «موگادىشۇدا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ھەم يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت سومالى ھۆكۈمىتى ۋە سومالى خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

موگادىشۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا ئادەم بومبىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى، ئەششەباب تەشكىلاتى  ئىنتېرنېت تور بېتىدە بايانات ئېلان  قىلىپ، ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكالىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر