سومالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى 23 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.

1085234
سومالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موگادىشۇدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دائىم – دېگۈدەك بارىدىغان بىر مېھمانسارايدا ئىككى قېتىملىق ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن، ساقچىخانا ئەتراپىغا جايلاشقان مېھمانسارايغا ئائىت ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىمۇ پارتلاش يۈز بەرگەن.

جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىن ئەھمەد زەكەرىييانىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇملاردا 9 ى ئەششەباب تەشكىلاتى مىلىتانى بولۇپ، جەمئىي 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 40 كىشى يارىلانغان.

سومالى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلغان زوراۋانلار بىلەن ئېلىشىپ، 6 سىنى بىر تەرەپ قىلغان، زوراۋانلاردىن 3 ى ھۇجۇم جەريانىدا ئۆلگەن بولۇپ، يارىلانغانلار ئارىسىدا، ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەەملدارلىرىدىن ئابدررەززاق ئەلى يۈسۈفمۇ بار ئىكەن.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق زوراۋانلار پارتلاشلاردىن كېيىن مېھمانسارايغا بېسىپ كىرىپ، ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشقان.

ئىگىلىنىشىچە، ئەششەباب تەشكىلاتى ئىنتېرنېت تور بېتىدە بايانات ئېلان  قىلىپ، ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكالىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر