مۇسۇلدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 3 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1084453
مۇسۇلدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇل ساقچى ئىدارىسى خادىمى ئابدۇلقادىر ئەلجۇبۇرى، شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى بىر رېستورانغا يېقىن جايدا بىر ئاپتوموبىل بومبىنىڭ پارتلىتىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 6 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جۇبۇرى، ھازىرچە ھېچقانداق بىر تەرەپنىڭ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقىنى، بىراق، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى جاۋابكار، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى، 2017 – يىلى دېكابىردا بايانات بېرىپ، «مۇسۇلنىڭ ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى» نى ئۇقتۇرغانىدى. بىراق، شەھەرنىڭ چۆل تەرىپى بىلەن ئىراق – سۇرىيە چېگراسىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دائېش، پات – پات خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارغا قارشى ھۇجۇملارنى سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر