ب د ت: قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز

ب د ت، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ كۈزىتىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1084504
ب د ت: قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىلىرىدىن فارخان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى؛ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈشلىرىنى كۈزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن فارخان ھەق، تەكشۈرۈشلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ب د ت نىڭ تاشلايدىغان قەدەملىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنى تېز ۋە ئوچۇق – ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرىكى ئېلىنالمىغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىدىن 18 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى  20 – ئۆكتەبىردە قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى.

تالاش – تارتىشنىڭ جېدەلگە ئايلانغانلىقى، نەتىجىدە قاشىقجىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، «ئۆلتۈرۈلگۈچى جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىردە نىكاھلىنىش رەسمىيەتلىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا – ئالدىن تۈزۈلگەن پىلانغا ئاساسەن – كونسۇلخانا بىناسىغا كىرەر – كىرمەيلا بوغۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. جەسىتى، يەنە ئالدىن پىلانلانغىنى بويىچە، پارچىلىنىپ يوقىتىپ تاشلانغان» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.


خەتكۈچ: #ب د ت , #قاشىقجى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر