ئەھمەد رەيسۇنى دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

ئىستانبۇلدا 3 – نويابىردا باشلانغان دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن ئىتتىپاقنىڭ مۇتەۋەللىي ھەيئىتىنىڭ 31 يېڭى ئەزاسى سايلاندى.

1083949
ئەھمەد رەيسۇنى دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئومۇمىي كېڭەشتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇتەۋەللىي ھەيئىتى ئەزالىرى سايلىمىدا، 84 نامزات قاتارىدا تۈركىيەدىن رىقابەتكە چۈشكەن ئۆمەر فارۇق قورقماز 366 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باشلىقى يۇسۇف ئەلقەرداۋى، ئىتتىپاقنىڭ باشلىقلىقىغا ماراكەشلىك پىروفېسسور دوكتور ئەھمەد رەيسۇنىنىڭ سايلانغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىتتىپاقنىڭ سايلامدىن كېيىنكى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رەيسۇنىنىڭ ھەم شەرقنىڭ ھەم غەربنىڭ ئالىمى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ھەم شەرقلىق ھەم غەربلىك ئۆلىمالار تەرىپىدىن سايلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «رەيسۇنى دىننىڭ غايىسىنى، ئىسلامنىڭ مەنىسىنى ۋە ئىسلامىي مۇۋازىنەتنى چۈشىنىشكە مۇۋەپپەق بولغان مۇسۇلمانلاردىن بىرىدۇر» دېدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە ئىتتىپاقنىڭ باش كاتىپى سايلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر