پارىژدا بىر ئاپتوموبىلدىن كۆپ مىقداردا قورال – ياراق چىقتى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى پويىز بېكەتلەردىن سائىنت دېنىس بېكىتىدە تۈنۈگۈن ئاخشام بىر ئاپتوموبىلدىن 3 ئاپتومات، 1 راكىتامىيۇت ئاتار ۋە 1 يەل مىلتىقى چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى.
1083852
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Le Parisien» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ساقچىلار تۈنۈگۈن ئاخشام سائىنت دېنىستە توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، 1 راكىتامىيۇت ئاتار، 3 ئاپتومات ۋە 1 يەل مىلتىقى تاپقان.
ۋەقە ھەققىدە بوبىگنىي تەپتىش مەھكىمىسى جىددىي تەكشۈرۈش باشلىدى.