كانادا باش مىنىستىرى يەھۇدىيلاردىن كەچۈرۈم سورىدى

جاستىن ترۇدېئۇ، ئۆز دەۋرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن كانادا قانۇنلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1083954
كانادا باش مىنىستىرى يەھۇدىيلاردىن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدېئۇ، 1939 – يىلى ناتسىستلارنىڭ زۇلۇمىدىن قاچقان 907 يەھۇدىي ئولتۇرغان MS St.Louis ناملىق پاراخوتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىدىن خېجىللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاراخوت قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن دۆلىتىدىن نامىدىن كەچۈرۈم سورىغان ترۇدۇ، پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، «سۈكۈت قىلىشىمىزنىڭ، ناتسىستلارنىڭ ئاتالمىش يەھۇدىي مەسىلىسىگە ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ چارىلىرىنى تېپىشىغا يول قويغانلىقىدا ئاساسەن شۈبھە يوق» دېدى.

جاستىن ترۇدېئۇ، ئۆز دەۋرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن كانادا قانۇنلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشىغا ۋە رەسمىي سىياسىتىمىز بولۇشىغا يوق قويدۇق» دېدى.

1939 – يىلى MS St.Louis ناملىق پاراخوتنىڭ تەۋەلىكىگە كىرىشىگە كانادادىن باشقا كۇبا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ رۇخسەت قىلمىغان، ياۋروپاغا قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان يەھۇدىيلاردىن 250 نەپىرى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر