مىسىر بىلەن فىرانسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

مىسىر ۋە فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئاقدېڭىزدىكى مىسىر دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1083114
مىسىر بىلەن فىرانسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكوۋنىك تامىر رىفائى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ۋە فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ مىسىرنىڭ ئاقدېڭىزدىكى تەۋەلىكىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى، مانېۋىرنىڭ ھەربىي جەھەتتە ياردەملىشىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا مانېۋرىنىڭ، دېڭىز بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تېررورچىلارغا دېڭىز ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جايلارنى مۇھاپىزەت قىلىش، ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي مۇداخىلە قىلىش قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىسىرنىڭ 2018 – يىلى ئىچىدە ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇشى دىققەتنى تارتماقتا. مىسىر بىلەن فىرانسىيە فېۋرال ۋە مارت ئايلىرىدىمۇ قىزىلدېڭىز ۋە ئاقدېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر