خىتايدا ئىت بېقىشمۇ بۇرژۇئازىيەگە مايىللىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ
كوممۇنىستىك تۈزۈم بىلەن قاتتىق باشقۇرۇلىۋاتقان خىتايدا، ئۆيدە كۈندۈرۈلگەن ئىتلارمۇ چەكلىمىلەردىن نەسىۋىسىنى ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ۋىنشەن شەھىرىدە ئۆيدە كۈندۈرۈلگەن ئىتلارنى كۈندۈزلىرى باغچا، سودا ساراي ۋە تەنتەربىيە مەركەزلىرىدە ئايلاندۇرۇش چەكلەندى.
يۈننەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋىنشەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ، ئۆيدە كۈندۈرۈلگەن ئىتلارنى كۈندۈزلىرى ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئايلاندۇرۇشنى مەنئىي قىلدى.
خىتايدا ئىت بېقىشقا ئالاقىدار قاتتىق بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلغان بولۇپ، ۋىنشەندە ماقۇللانغان بۇ قېتىمقى قارارنىڭ تولىمۇ ئېغىر چەكلىمە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.
خىتايدا نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ئىتلارنىڭ چوڭ كېچىكلىكىگە قاراپ، قايسى خىل ئىتلارنىڭ قايسى رايونلاردا ياشىشى كېرەكلىكىگە دائىر بەلگىلىمىلەر مەۋجۇت.
پايتەخت بېيجىڭدىمۇ چوڭ ئىتلارنىڭ شەھەر مەركىزىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
كوممۇنىستىك تۈزۈم بىلەن قاتتىق باشقۇرۇلىۋاتقان خىتايدا، ئۆيدە ئىت بېقىشمۇ بۇرژۇئازىيەگە مايىللىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ.