ب د ت سۈرىيەدە ئىشلىتىلگەن خىمىيەلىك قوراللار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، سۈرىيەدە خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە بۇ قوراللارنىڭ رايوندىن چىقىرىلىشى يولىدا بېسىلغان قەدەملەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

1082669
ب د ت سۈرىيەدە ئىشلىتىلگەن خىمىيەلىك قوراللار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، سۈرىيەدە خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە بۇ قوراللارنىڭ رايوندىن چىقىرىلىشى يولىدا بېسىلغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرا شەرق تېمىسىدا يىغىن چاقىردى، يىغىننىڭ ئاساسىي كۈنتەرتىپىنى ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسى شەكىللەندۈردى.

ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ دائىمىي ۋەكىللىرى، 27 – ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان سۈرىيەگە ئالاقىدار تۆت دۆلەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى؛ فىرانسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فرانچوئىس دېلاتترې، «ئىستانبۇلدىكى تۆت دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان تەرەپلەر، ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرىدۇ» دېدى.

ئەنگلىيە دائىمىي ۋەكىلى كارېن پىئېرس بولسا، «ئىستانبۇلدىكى يىغىننىڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلىنغان باياناتنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېدى.

سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار تۆت دۆلەت باشلىقلار يىغىنى، 27 – ئۆكتەبىردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا تۈركىيەدە چاقىرىلغان؛ يىغىنغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ب د ت  نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دې مىستۇرا قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر