باغدادتا پارتلاش ۋەقەلىرى مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سادىر بولۇپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا پارتلاش ۋەقەلىرى مەيدانغا كېلىپ 8 ئادەم ئۆلۈپ، 16 ئادەم يارىلاندى.
باغداد ساقچى ئىدارىسى خادىمى خاتەم ئەل جەبىرى، باغدادنىڭ 6 رايونىدا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
جەبىرى باغدادنىڭ شىمالىدىكى ئادەن مەيدانى ۋە شۇلە رايونىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 6 ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
پايتەختنىڭ شەرقىدىكى سەدر، مەشتەل ۋە ھەبىبىيە رايونلىرىدىمۇ پارتلاش ۋەقەلىرى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان جەبىرى، ھەبىبىيە رايونىدا بىر ئاپتۇبۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتىلتىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 7 ئادەمنىڭ يارىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەبىرى پايتەختنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۇراس رايونىدىكى بىر سودا-سېتىق مەركىزىگە يېقىن جايدا بومبا پارتلاپ 3 ئادەم ئۆلدى.
بۇ ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى، لېكىن جەبىرى بۇ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ دائېش تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
باغداد ھۆكۈمىتى 2017-يىلى دېكابىردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ زېمىنىنىڭ دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى پات-پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.