پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا كەلدى.

1080993
پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكسىتان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى مەسىلىسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ رەسمىي زىيارەت دائىرىسىدە بېيجىڭغا كەلگەن پاكسىتان باش مىنىستىرى ئىمران خاننى تىيەنئەنمىن مەيدانىدىكى خەلق سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى.

پاكسىتان باش مىنىستىرى ئىمران خان، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

"خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى خىيالدىن رىئاللىقا ئايلاندى، نۆۋەتتە تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ"دېگەن ئىمران خان، پاكىستاننىڭ بۇ لايىھەگە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە  پاكىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە مۇھىم پۇرسەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ پاكىستاننى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ كېلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىمران خان، خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت پاكسىتاننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستى بولالايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭمۇ تارىخىي يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ بەرپا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ كارىدورنىڭ بۇرۇنراق تاماملىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى باش مىنىستىر ئەدلىيە، پەن، سەھىيە ۋە تاموژنا قاتارلىق بەزى ساھەلەردە كېلىشىم ئىمزالىدى.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوڭ شۇەنيۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ پاكىستانغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىش مەسلىسىنى پىرىنسىپ جەھەتتە ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىقتىسادى ياردەم پىلانىنىڭ قايسى شەكىلدە بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كېڭەش قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، شاڭخەيدە 5-نويابىردىن 10-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 1-نۆۋەتلىك ئىمپورت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر