ئەردوغان: قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن كەلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1080756
ئەردوغان: قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «‹ Washington Post › گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، تۈركىيەنىڭ جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى پوزىتسىيەسى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «جامال قاشىقچى جىنايىتى مەسىلىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ  جاۋاب بېرىشىگە تېگىشلىك نۇرغۇن سوئاللار بار. جامال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىمىز، ئەمما بۇ بۇيرۇقنىڭ پادىشاھ سەلمان تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىگە ئەسلا ئىشەنمىدىم.»

تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە پۈتكۈل دۇنيانىڭ، جامال قاشىقچىنىڭ بىر سۇيىقەست گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا قولغا چۈشۈرۈلگەن 18 گۇماندارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمىز، جامال قاشىقچى ئۆلتۈرۈلگىنىگە بىر ئايدىن ئاشتى، ھېچبولمىغاندا، ئىسلام ئەنئەنىلرىىگە ئاساسەن دەپنە قىلىنىشى، جامال قاشىقچىنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى ئىدى. جامال قاشىقچى سۇيىقەستىگە ئالاقىدار بىزدىكى دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دوست ھەم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلاشتۇق. رىياد بىلەن بولغان ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان دوستانە مۇناسىۋەتلىرىمىز، كۆز ئالدىمىزدا سادىر قىلىنغان بۇ پىلانلىق جىنايەتنى كۆرمەسكە سالىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھېچكىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان بىر دۆلەتتە بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ ئادالەت ئورنىتىشقا تىرىشىشنىڭ ئورنىغا جامال قاشىقچىنى پىلانلىق ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇشۇنى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر.»

«‹ Washington Post › گېزىتى» يازغۇچىسى جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جامال قاشىقچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا كانىيى سىقىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، جەسىتىنىڭ پارچىلانغاندىن كېيىن يوقىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر