خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دۆلىتىنى زىيارەت قىلىش تەكلىپى سۇندى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى ما جاۋشۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دۆلىتىنى زىيارەت قىلىش تەكلىپى سۇندى.

1080322
خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دۆلىتىنى زىيارەت قىلىش تەكلىپى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نويابىر ئېيى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان خىتاينىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما جاۋشۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 15 ئەزادىن تەشكىل تاپقان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى دۆلىتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىق ھالدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ما جاۋشۇ، خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، «كۆپ مىللەتلىك تۈزۈم» توغرۇلۇق يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قالسا تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ خامچوتىغا ئەڭ كۆپ ھەسسە قوشۇۋاتقان 2 – دۆلەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئارىسىدا تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىغا  ئەڭ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتكەن مەملىكەت ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر