ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تۈركىيە قىسىملىرى توغرۇلۇق بايانات ئېلان  قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ مۇنبىچتا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتا  مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1080143
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تۈركىيە قىسىملىرى توغرۇلۇق بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنبىچنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۇنسۇرلىرىنى سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىن تازىلاش ۋە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: « ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ مۇنبىچتا ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق جەھەتتىن يەرلىك بىخەتەرلىك  قۇرۇلمىسىنى تاماملاشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەكتە. دەرۋەقە، ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە تەييارلىق باسقۇچىدىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىگە، بەلگىلىمە بويىچە ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى قوماندانلىق قىلىدۇ. تۈركىيە قىسىملىرى مۇنبىچتا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتا  مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر