ماكرون: ياۋروپا پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ياۋروپانىڭ پارچىلىنىش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1080134
ماكرون: ياۋروپا پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون فىرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق گېزىتلىرىدىن «‹ Ouest France › گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 100 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 4 – نويابىر كۈنى باشلىنىدىغان زىيارەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، ھەمدە يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىللىق ۋە مىللەتچىلىك خاھىشلىرىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بەئەينى ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدىكى ئەھۋالغا ئوخشايدۇ. دەرۋەقە، شۇ ۋاقىتتا ياۋروپادا ھەممە ياقنى ۋەھىمە قاپلاپ كەتكەن، مىللەتچىلىك خاھىشلىرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى، پۈتكۈل ياۋروپا قىتئە ىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ نەتىجىسىدە پارچىلانغانىدى، 1914 – يىلدىن 1918 – يىلغىچە داۋاملاشقان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن 1929 – يىلقى ئىقتىسادىي كىرىزىسكىچە، ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ئوڭتەي – توڭتەي بولۇپ كەتكەنىدى، بۇنداق ئالامەتلەر ھازىر بىزدىمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، ياۋروپا سىرتقى كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسى ۋە مىللەتچىلىك خاھىشلىرىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە پارچىلىنىش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ قوغدىشىغا مۇھتاج. چۈنكى، خىتاينىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ، رۇسىيە بولسا تەسىر كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ياۋروپاغا مۇداخىلە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

11 – نويابىر كۈنى پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 100 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى» ھارپىسىدا، فىرانسىيەنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي رايونلىرىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، بۇ زىيارەتلەر جەريانىدا «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» دا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ياد ئېتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىگىلىنىشىچە، 4 – نويابىر يەكشەنبە كۈنى ستراسبۇرگدا باشلىنىدىغان «100 كۈنلۈك زىيارەت» لىرىدە، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمىيېر، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي، مالى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم بوكاجار كېيتا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىقلار ئېممانۇئېل ماكرونغا ھەمراھ بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر