ئىران: رىياد رايوندىكى سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولسا، بىز نورماللىشىشقا ھەردائىم تەييارمىز

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، سەئۇدى ئەرەبىستان رايوندىكى سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئويلاشقان تەقدىردە، دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1079625
ئىران: رىياد رايوندىكى سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولسا، بىز نورماللىشىشقا ھەردائىم تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش جەريانىدا، ئىران – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيرنىڭ ئىران دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىزاھات بېرىپ، بۇنداق بىر ئۇچرىشىشنىڭ بولمىغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان رايوندىكى سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئويلىشىپ، بۇ يولدا بىر قارار چىقارسا، ئىران ھەر جەھەتتىن ھازىردۇر. چۈنكى، بىز قوشنىلىرىمىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئىچىدە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. قوشنىلىرىمىز ھازىرغىچە ئىران بىلەن سوغۇقلىشىش ئارقىلىق ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشمىدى. بۇ سىياسەتلەرنى بىر يانغا قايرىپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر