رۇبىيو قاتارلىق پالاتا ئەزالىرى ترامپتىن رىياد بىلەن يادرو سۆھبتى ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىر تۈركۈم جۇمھۇرىيەتچى قانات پالاتا ئەزالىرى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرىنى توختىتىش» قا چاقىردى.

1079596
رۇبىيو قاتارلىق پالاتا ئەزالىرى ترامپتىن رىياد بىلەن يادرو سۆھبتى ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلورىدا ئىشتاتى پالاتا ئەزاسسى ماركو رۇبىيو باشلامچىلىقىدىكى 5 پالاتا ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) جىنايىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ترامپقا مەكتۇپ يوللاپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پالاتا ئەزالىرى مەكتۇپىدا، قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ئىلگىرىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزۈلگەن يادرو ھەمكارلىقى كېلىشىمىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بىراق سادىر  قىلىنغان جىنايەتنىڭ سەئۇدى پادىشاھلىقىغا ئالاقىدار گۇمانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەكتۇپتا، «سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئاشكارىلىنىۋاتقان پاكىتلار، سەئۇدىيلارنىڭ يەمەن ۋە لىۋان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەۋجۇت قارار چىقارغۇچى قاتلامنىڭ ئوچۇق – ئاشكارىلىقى ۋە مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا جىددىي ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراۋى يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار بارلىق سۆھبەتلەرنى كېلەچىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بىر پەيت كەلگۈچە توختىتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈتۈنىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پالاتا ئەزالىرى، ترامپ بۇ چاقىرىققا پىسەنت قىلمىغان تەقدىردە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يادرو كېلىشىملىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، «ئاتوم ئېنېرگىيەسى قانۇنى» دىكى ماددىلارغا تايىنىپ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، «ئۆلتۈرۈلگۈچى جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىردە نىكاھ رەسمىيەتلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا – ئالدىن تۈزۈلگەن پىلانغا ئاساسەن – كونسۇلخانا بىناسىغا كىرەر – كىرمەيلا بوغۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. جەسىتى، يەنە ئالدىن پىلانلانغىنى بويىچە، پارچىلىنىپ يوقىتىپ تاشلانغان» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر