دونالد ترامپ يەھۇدىي ئىبادەتخىسىنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

1078643
دونالد ترامپ يەھۇدىي ئىبادەتخىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ پىتتسبۇرگ شەھىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

دونالد ترامپ رەپىقىسى مەلانىيا، قىزى ئىۋانكا ۋە كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر بىلەن بىرلىكتە، قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە 11 ئادەم ئۆلۈپ 6 ئادەم  يارىلانغان «ھايات دەرىخى»ناملىق يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

ترامپ ۋە يېقىن-يورۇقلىرى يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ باش راھىبى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى ئەتراپىغا يىغىلغان مىڭلارچە ئادەم «سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭنى خالىمايمىز، سەن يولغا قويغان سىياسەت دۈشمەنلىك پەيدا قىلدى، سېنىڭ سىياسىتىڭگە قارشى تۇرىمىز»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشتى.

زىيارەت ئەسناسىدا سۆز قىلمىغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئارقىدىن ھۇجۇمدا يارىلانغانلار داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىغا باردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى سادىر قىلغان 46 ياشلىق روبېرت بوۋېرسنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، زوراۋاننىڭ بۇرۇن جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھۇجۇم ئەسناسىدا «پۈتكۈل يەھۇدىيلار ئۆلۈشى كېرەك»دەپ ۋاقىرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

دونالد ترامپ ھۇجۇمدىن كېيىن ۋەقە توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىدا، بۇنداق ھۇجۇملارنى سادىر قىلغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر