ب د ت رىيادتىن قاشىقجى تەكشۈرۈشىگە مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنى قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشكە خەلقئارالىق مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنىمۇ قاتناشتۇرۇشقا چاقىردى.

1078629
ب د ت رىيادتىن قاشىقجى تەكشۈرۈشىگە مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنى قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچېل باچېلېت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرىدىن جەمال قاشىقجىنىڭ جەسىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلدى ۋە ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە «پەسكەشلەرچە سادىر قىلىنغان ئەندىكتۈرگۈچى جىنايەت» دەپ باھا بەردى.

ئۇ، قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ ھالدا تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى، جاۋابكارلارنىڭ ھېساب بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈشنىڭ «سىياسىي ئەندىشىلەردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن»، خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ پاكىتلارنى تەكشۈرۈش، گۇۋاھچىلار بىلەن كۆرۈشۈشلىرىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان شەكىلدە بۇ مۇساپىگە قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ قاشىقجى جىنايىتىگە چېتىشلىق كىشىلەرنى تەكشۈرۈش يولىدىكى قەدەملىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن» دېدى.

ئۇ يەنە، قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ دىياگنوزلىرىنىڭ بىر جىنايەتنى پاش قىلىشتا پەۋقۇلئاددە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سەئۇدى ئەمەلدارلارنى تېخىمۇ بەك كېچىكىپ كەتمەستىن ۋە تۇترۇقسىز جاۋابلارنى بەرمەستىن (قاشىقجىنىڭ) جەسىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچىسى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن  كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا، رىيادتىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا  كىشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر