44 يىل ئىچىدە %60 ھايۋان ھالاك بولغان

ئىنسانىيەتنىڭ 44 يىل ئىچىدە %60 ھايۋاننى ھالاك قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1078037
44 يىل ئىچىدە %60 ھايۋان ھالاك بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسانىيەت 44 يىل ئىچىدە دۇنيادىكى پۈتكۈل ھايۋانلارنىڭ %60نى يوق قىلدى.

دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ۋەقپەسى تەرىپىدىن 59 ئالىم ۋە تەتقىقاتچىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا تەييارلاپ چىقىلغان دوكلاتتا، ئىنسانلارنىڭ 1970-يىلدىن 2014-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردە دۇنيا مىقىياسىدىكى سۈت ئەمگۈچى، ئۆمۈلگۈچى ۋە بېلىق بولۇپ %60 ھايۋاننىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلات تەييارلىنىش جەريانىدا 4000دىن ئارتۇق ھايۋان تۈرى تەتقىق قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا تەتقىقات جەريانىدا ھايۋانلارنىڭ سانىدا %60 تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئوزۇق-تۈلۈك ۋە مەنبەلەرنىڭ بارغانچە ئېشىشى، شۇنداقلا تېز سۈرئەتتە ئىستېمال قىلىنىشىنىڭ مىلياردلارچە يىل جەريانىدا شەكىللەنگەن ۋە  ئىنسانىيەتنىڭ پاكىز ھاۋا، سۇ بولۇپ بارلىق نەرسىگە مەجبۇر بولۇپ قالغان ھاياتلىق تورىنى يوق قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، بۇ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەنىڭ مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا خەۋپ شەكىللەندۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ۋەقپە مەسئۇللىرىدىن مايك باررېت: ئۇيقۇدا كېزىپ يۈرۈيدىغانلارغا ئوخشاش چوڭقۇر بىر قىيانىڭ گىرۋىكىگە قاراپ كېتىۋاتىمىز، ئىنسان نوپۇسى %60 تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا ئىدى شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە، ئافرىقا، ياۋروپا، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە نوپۇس قالمىغان بولاتتى، دېدى.  

نۇرغۇن ئالىم دۇنيانىڭ دەسلەپكى ئىنسانلار سەۋەب بولغان كوللېكتىپ خاراكتېرلىك ھالاك بولۇش ھادىسىسىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىقىنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

تېخى يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر تەتقىقاتتا، مەدەنىيەت ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيادىكى سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ %83ى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېرىمىنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بۇ ھالاكەت ھازىر ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ، تەبىئەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە 5 مىليوندىن 7 مىليونغىچە يىل كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر