سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش ئەمەلدارى تۈركىيەگە كەلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش ئەمەلدارى سۇئۇد مۇجەب جامال قاشىقچى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى.

1077511
سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش ئەمەلدارى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش ئەمەلدارى مۇجەب ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشى ئىرفان فىدان بىلەن كۆرۈشىدىكەن ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

 ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنقەرە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن جامال قاشىقچى ۋەقەسى بىلەن چېتىلىپ تۇتۇلغان 18 سەئۇدى ئەرەبىستانلىقنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما رىياد ئەنقەرەنىڭ بۇ تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، جامال قاشىقچى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەيران قالارلىق بىر تەپسىلات ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا ئائىت ئاپتوموبىللار جىنايەتتىن 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، 5 – ئۆكتەبىر كۈنى تازىلانغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلى مۇھەممەد ئۇتەيبەنىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى، ئاپتوموبىل يۇيۇش مۇلازىمەت ئورنىدا تەپسىلىي تازىلانغان.

«‹ Washington Post › گېزىتى» يازغۇچىسى جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20  - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» جاكارلىغانىدى.

جامال قاشىقچى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋاتقان تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىنايەت ئالدىن پىلانلانغان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر