ئامېرىكىدىكى بىر چېركاۋدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق پىتتسبۇرگ شەھىرىدىكى بىر چېركاۋدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1077118
ئامېرىكىدىكى بىر چېركاۋدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىتتسبۇرگ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى دىرېكتورى ۋېندېل ھىسرىچ، ھۇجۇمدا 11 ئادەم قازا قىلغاندىن باشقا 4 نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 6 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار خادىملار، قوراللىق ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچى 46 ياشلىق ئامېرىكا پۇقراسى روبېرت بوۋېرسنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، ھۇجۇمچىنىڭ جىنايەت ئارخىپى يوقلۇقى، ئۇنىڭ ھۇجۇم ئەسناسىدا «پۈتكۈل يەھۇدىيلار ئۆلۈشى لازىم» دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، ھۇجۇمچىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ، ئىدىياناپولىستا بايانات بېرىپ ھۇجۇمغا «شەيتانىي، ئىشىنىش قىيىن، ئەقىلغا سىغمايدىغان يەھۇدىي ئۆچمەنلىكى» دەپ باھا بەردى.

6 – نويابىردىكى ئارا سايلاملاردىن ئىلگىرى دېھقانلارغا خىتاب قىلغان ترامپ، سۆزى ئەسناسىدا بىر راھىپ ۋە بىر پوپنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن، نيۇ يوركتىكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر