لاۋروۋ بىلەن چاۋۇشئوغلۇ ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سېرگېي لاۋروۋ بىلەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1077101
لاۋروۋ بىلەن چاۋۇشئوغلۇ ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان سۈرىيە مەسىلىسى ئالاقىدار تۆت دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرىكى ئايرىم ئۇچرىشىشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئايرىم ئۇچرىشىشتا، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان ۋە تۈركىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشىگە ئۇيغۇن شەرت – شارائىتلارنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۆزئارا نىيەتلەر تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن.

سودا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئىككى مىنىستىرلىق ئارىسىدىكى دىيالوگنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىدلىب مەسىلىسى بويىچە ھاسىل قىلغان كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. باياناتتا، «سۈرىيە ۋەزىيىتى ۋە ئۇ يەردىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ماس ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان چارە – تەدبىرلەر، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارى ۋە سۈرىيە مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىنى ئاساس قىلغان سىياسىي چارە مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، مۇساپىرلارنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا بالدۇرراق قايتىشى ۋە دۆلەتنىڭ توقۇنۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇپ چىقىلىشىغا كېرەكلىك شەرت – شارائىتنىڭ يارىتىلىشى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىننىڭ خۇلاسىسى، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رۇسىيە – تۈركىيە سىياسىي دىيالوگىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، ياۋروپا كېڭىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى كېلىشىمىنىڭ كېلەچىكى دېگەندەك خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر