ھېلماندا پىرېزىدېنت غېنى زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەسنادا ۋەقە يۈز بەردى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند شەھىرىدە راكېتامىيوتلۇق ۋە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1077162
ھېلماندا پىرېزىدېنت غېنى زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەسنادا ۋەقە يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېلماند ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئابدۇسسالام ئافغان، غېنى ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ھۇجۇمدا ھېچقانداق تالاپەتكە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ئۈچ راكېتامىيوت ئوقىنىڭ بىرىنىڭ غېنى چۈشكەن مېھمانخانىغا يېقىن يەرگە تەگكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، راكېتامىيوت ھۇجۇمىدىن كېيىن شەھەر مەركىزىدە بىر پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر