«‹ Washington Post › گېزىتى» جامال قاشىقچى ۋەقەسى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلاتتى

«‹ Washington Post › گېزىتى» سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ۋەقەسى ئۈچۈن دىگىتال ۋە باسما ئېلان تارقىتىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلاتتى.

1076081
«‹ Washington Post › گېزىتى» جامال قاشىقچى ۋەقەسى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Washington Post › گېزىتى» نىڭ «خەلقئارا خەۋەرلەر» سەھىپىسىنىڭ تەھرىرى كارېن ئاتتىئاھ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جامال قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق دىگىتال ۋە باسما ئېلان چىقىرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ جامال قاشىقچىنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى ئىزدەش مەقسىتىدە يېڭى بىرقاتار دىگىتال ۋە باسما ئېلانلارنى چىقىرىدۇ.»

ئاتتىئاھ ئۇچۇرىغا ئىلاۋە قىلغان تۇنجى ئېلاندا بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ رەسىمىنىڭ ئۈستىگە، «(‹ Washington Post › گېزىتى) نىڭ يازغۇچىسى جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىردى ۋە ئۇ يەردە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى» دەپ يازدى.

«‹ Washington Post › گېزىتى» يازغۇچىسى جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20  - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» ئېتىراپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر