پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئىستانبۇلغا مەركەزلەشتى

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى «سۈرىيە» تېمىلىق «تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنى» گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلماقتا.

1076822
پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئىستانبۇلغا مەركەزلەشتى
merkel.jpg
macron erdoğan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا كەلدى.

مېركېل ئالدى بىلەن «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى، ئاندىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ئەردوغان بىلەن مېركېلنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېپق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشى تەخمىنەن يېرىم سائەت داۋاملاشتى.

مېركېلدىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن  «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

«تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونمۇ «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.

ئىگىلىنىشىچە، «تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنى» نىڭ كۈنتەرتىپ ماددىسىنى، «ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ پۇختا ئىشلەش ۋە سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش» قاتارلىق مەسىلىلەر تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر